باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوئان نېمە ئۈچۈن ساقچىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ؟(2)

2014.01.13 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساقچىلارنىڭ چېرىكلىكنى تەكشۈرۈش دېلوسىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەردۇئان ھۆكۈمىتى 7-يانۋار تۈركىيە پارلامېنتىغا تەكلىپ سۈنۈپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سوتچىلار ۋە تەپتىشلەرنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر: بۇ قانۇننى تۇرغۇزۇش- ھۆكۈمەتنىڭ ئەدىلىيە تارماقلىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، شۇنداقلا بۇ تۈركىيەنىڭ ئەدلىيە مۇستەقىللىقى ۋە دېموكراتىيە ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق دەپ ھېسابلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىم يۈز بەرگەن چېرىكلىك سەتچىلىكى ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان «ھوقۇق » كۆرۈشى، كۆرەشنىڭ يەنە بىر تەرىپى سىمات دەپ ئاتىلىدىغان ھەرىكەت. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بۇ قېتىمقى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى ئامېرىكىدا سەرگەردان بولىۋاتقان مۇسۇلمان مۆتىۋەر(Fethullah Gulen) فەتۇللاھ گۈلەنگە دۆڭگەپ قويدى. فەتۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىسى باركەن. جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ ساقچى ۋە ئەدىلىيە ساھەسىدىكى بىر قىسم نوپۇزلۇق شەخسلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكەن. فەتۇللاھ گۈلەن ئىلگىرى ئەردۇئاننىڭ سىياسىي ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، يېقىندا ئىككىيلەن تەتۈر قارىشىپ قالغان. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: فەتۇللاھ گۈلەن بىلەن ئەردوئان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تۈركىيەنىڭ سىياسىي مۇنبىرىنى تەۋرەتمەكتە، ئەمدى ھۆكۈمەت فەتۇللاھ گۈلەن رەھبەرلىكىدىكى سىمات تەشكىلاتىنى تەكشۈرۈشى مۇمكىن.

  بۇ يىل 3-ئايدا يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى چېرىكلىك سەتچىلىكى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، بۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنى تەشۋىشكە سالدى. بۇ سىياسىي كىرىزىس ئەردۇئان ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر زور سىياسىي ۋە دىپلوماتىك زەربە، چۈنكى تۈركىيە ئىزچىل ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، چەتئەلنىڭ مەبلىغىنى بىۋاسىتە جەلپ قىلىپ، رايون ئىقتىساددا كۈچلۈك دۆلەت بولماقچى. ئەردۇئان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدىلىيە سىستېمىسىغا بولغان ئارىلىشىشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى رەنجىتتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەمەلدارى: تۈركىيە ھازىر ياۋروپانىڭ «ئەركە بالىسىدىن» غەربنىڭ «تاشلىۋېتىلگەن بالىسىغا» ئايلاندى، دېدى.

  تۈركىيەدە پۇل پاخاللىق سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە، يېڭى لىرانىڭ داۋاملىق كۇرسى چۈشمەكتە، ھازىرقى سىياسىي كىرىزىس چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. نۇرغۇن تۈركىيەلىك ھازىرقى سىياسىي كىرىزىس ۋە ھوقۇق كۆرۈشىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئەمما تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چىرىكلىكنى تەكشۈرۈش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كىرىزىس يەنە بىر جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىشى مۇمكىن. مەملىكەت ئىچىنىڭ نەزىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن، باش مىنستىر ئەردۇئان ئىران بىلەن ئىراقنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى ئوڭشىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە بولغان تالاش-تارىتىشنى پەسەيتىپ، ئامېرىكىنى خوش قىلىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر