باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى

2014.01.13 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 10-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى ئاچتى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ليۇ يۇنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى ، جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونلاردا يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2013-يىللىق دۆلەتلىك ئەڭ يۇقىرى پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى داليەن خىمىيە فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىن جاڭ سۈنخاۋ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش قورال جابدۇق بۆلىمىدىن چېڭ كەيجياغا مۇكاپات گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى ھەمدە ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تەبرىكلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەتلىك تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەتلىك تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى، دۆلەتلىك پەن تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن تېخنىكا ھەمكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

  لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايانغاندىلا ئاندىن كەسپىنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئاشۇرغىلى، يەر شارىغا يۈزلەنگەن تېخىمۇ كۆپ رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلىكىنى يېتىلدۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتكىلى، بايلىق ۋە مۇھىت چەكلىمىسىنى ئۈنۈملۈك يېڭىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىقتسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىرى يېتەكچى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ئىجادىي كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشنى پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يادروسى قىلىش، پۈتۈن جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشتەك قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش لازىم.

  لى كېچياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: پەن تېخنىكا خادىملىرى ئۈستىگە ئالغان يۈك ئېغىر، يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىگە پايدىلىق، يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پۇختا ئىلگىرىلەپ ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ھالقىشقا جۈرئەت قىلىپ، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرەش قىلايلى.

  2013-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتى جەمئىي 10 نەپەر پەن تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ۋە 313 تۈرگە بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر