باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ مىنىستىرلىق-كومىتېت نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى

بەش يىل ئىچىدە ناھىيە-بازارلاردا ئالاھىدە چوڭ سىنىپلار يوقىتىلىدۇ، ھەربىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 45تىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 50تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

2014.01.09 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى پىلانى قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشتا، ئوتتۇرا-غەربىي قىسىم يېزىلىرىدىكى نامرات رايونلارنى ئاساس قىلغان ھالدا شەرقىي قىسىمدىكى قىسمەن قىيىنچىلىقى بار رايونلارغىمۇ ئېتىبار بېرىش؛ تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارنى ئاساس قىلغان ھالدا دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار قاتارلىق نامرات رايونلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 3 ~ 5 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، نامرات رايونلاردىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ سىنىپ، پارتا-ئورۇندۇق، كىتاب، تەجرىبە سايمىنى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئاساسىي ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان، مەكتەپ ياتىقى، كارىۋات، ھاجەتخانا، ئاشخانا، ئىچىملىك سۇ قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان قىلىش؛ ئۆي ساقلاپ قالغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ياتاق ئېھتىياجىنى، كەنت مەكتىپى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش؛ ناھىيە-بازارلاردىكى ئالاھىدە چوڭ سىنىپ ھادىسىسىنى ئاساسەن تۈگىتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەربىر سىنىپتىكى بالا سانىنى 45تىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەربىر سىنىپتىكى بالا سانىنى 50تىن ئاشۇرماسلىقنى ئىش ئاشۇرۇش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى مۇۋاپىق سەپلەپ، سان، سۈپەت ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ئاساسىي جەھەتتىن لايىقلاشتۇرۇش؛ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇشتىن چېكىنىش نىسبىتىنى %0.6تىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن چېكىنىش نىسبىتىنى %1.8تىن ئاشۇرماسلىق كېرەك. (جاۋ ئېنا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر