خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئات يىلىدىكى چاغانلىق كېچىلىككە رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلار سېپىنى ئاشكارىلىدى. تېزىملىكتىن قارىغاندا، ئات يىلىدىكى چاغانلىق كېچىلىكنىڭ رىياسەتچىلىرى بۇلتۇرقىدەك تاللانغان بولۇپ، خىزمىتىدىن خوشلاشقان لى يوڭنىڭ ئورنىغا جاڭ گولى ئۆتكەندىن سىرت، جۇ جۈن، دوڭ لياۋ، بى فۇ جيەن، لى سىسى قاتارلىقلار يەنە يېڭى يىللىق چاغانلىق كېچىلىكتە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى