باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

2014.01.08 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىملاتقىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار

  6-يانۋار، 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ تىزىملىتىشقا باشلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دە، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ 1-قەۋىتى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىگە تىزىملاتقىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گۈزەل سەنئەت كەسپىگە بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 6-يانۋاردىن 7-يانۋارغىچە بولۇپ، ئىمتىھان 8-يانۋار ئېلىنىدىكەن. ئۈرۈمچى، كۇيتۇن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان.

  مۇزىكا كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمىتھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 12-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى 15-يانۋاردىن 19-يانۋارغىچە بولىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا كەسپى بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى 30-يانۋاردىن بۇرۇن رەتلىنىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzs.edu.cn) دا ئېلان قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر