شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خۇۋ خەنمىن 6-يانۋار ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى ـــ تەسىرلىك 2013-يىل›› يىللىق تور شەخسلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئابلىز مەمەتنىياز بىلەن كۆرۈشتى
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خۇۋ خەنمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئابدۇرېھىم 6-يانۋار ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى ـــ تەسىرلىك 2013-يىل›› يىللىق تور شەخسلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئابلىز مەمەتنىياز بىلەن كۆرۈشتى.
خۇۋ خەنمىن ئابلىز مەمەتنىيازنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىزنىڭ ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى ـــ تەسىرلىك 2013-يىل›› يىللىق تور شەخسى بولۇپ باھالانغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم، بۇ پەقەت سىزنىڭلا شەرىپىڭىز ئەمەس، بەلكى پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنىڭ شەرىپى. سىز نامزاتلار قاتارىغا كىرگەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى سىزگە بېلەت تاشلىدى، سىزنى قوللىدى، سىزنى ھىمايە قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت-ئالاقە مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش مۇھەررىرى جۇ جيەنخۇا كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.