باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يولداش شى جىنپىڭ جېڭدىڭدا

2014.01.06 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1983-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، جېڭدىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش كادىرلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  ئەجدىھا يىلى قىشتا، قەھرىتان سوغۇق جاندىن ئۆتسىمۇ، قەدىمىي شەھەر جېڭدىڭنىڭ ھەممە يېرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر جېڭدىڭ خەلقىنى خۇددى بايرام ئۆتكۈزگەندىكىدەك شاد-خوراملىققا چۆمدۈردى.

  2012-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جېڭدىڭدىكى ھەممە ئادەم تېلېۋىزور ئالدىدا كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزۇن بولغان كونا دوستى ۋە كونا رەھبىرىنىڭ تونۇش ئاۋازىنى تېزرەك ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ ئولتۇردى.

  سائەت 11دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە، يولداش شى جىنپىڭنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تېلېۋىزور ئېكرانىدا كۆرۈنۈشى بىلەن ھەممەيلەن سۈكۈتكە چۆمدى. ئۇ ئاددىيلا سۆز قىلدى، دەبدەبىلىك خىتاب قىلمىدى، تەنتەنىلىك ۋەدىمۇ بەرمىدى. ئۇ خەلق دېگەن سۆزنى نەچچە قېتىم تىلغا ئالدى، ئۇنىڭ «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزدۇر» دېگەن گېپى جېڭدىڭ خەلقىنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سالدى. قاتتىق ھاياجانلانغان جېڭدىڭلىقلار كونا رەھبىرىمىز بۇرۇنقىدەكلا كەمتەر ۋە خۇشپېئىل، مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك ئىكەن دېيىشتى. 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، يولداش شى جىنپىڭنىڭ جېڭدىڭ خىزمەت قىلغان چاغدىكى سۈرەتلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايان بولدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر