باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ تىراژى %3 ئېشىپ، ئۇدا توققۇز يىل سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاندى

2014.01.10 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇ لىپىڭنىڭ ئىگىلىشىچە، 9 – يانۋارغىچە 2014 – يىللىق ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ تىراژى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3 ئېشىپ، ئۇدا توققۇز يىل ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قوللىشى، تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ 2014 – يىللىق ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› قاتارلىق نۇقتىلىق پارتىيە گېزىت – ژۇرناللىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشى بىلەن، تارقىتىش خىزمىتىدە بۆسۈش بولدى. ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداش بۇ يىللىق پارتىيە گېزىتلىرىنى تارقىتىشتىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك بولۇپ، شەھەر، ناھىيە(رايون) لەر پارتىيە گېزىتلىرىگە مۇشتەرى بولۇش جەريانىدا، پارتىيە بەدەل پۇلىغا مۇشتەرى بولۇش، شەخسلەر مۇشتەرى بولسا، ئومۇم ياردەم بېرىش، توپ مۇشتەرى بولۇپ ئايرىم يەتكۈزۈش، مەدەنىيەت جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، پارتىيە گېزىتلىرىنى تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر