باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 2014-يىللىق خىزمەت يىغىنى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

2014.01.10 15:26         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى 7-، 8-يانۋار كۈنلىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 2014-يىللىق خىزمەت يىغىنى ھەم كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاچتى . يىغىندا ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىنىڭ 2013-يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى خۇلاسىلىنىپ ، 2014-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ۋىلايەت-ئوبلاست (شەھەر)، ناھىيە-شەھەر (رايون) لىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە قارىتا كەسپىي تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋان ئەبەي ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جيەنلىڭ ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، رەئىس خاسىيەت ئەلى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن رەئىس كۈلەش ئابدۇللا ، سۇن خۇا، رەھىمە قۇربان ، جاڭ ۋېيۋېيلار يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاست (شەھەر) لىق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى، رەئىسلىرى ، شۇنداقلا ھەرقايسى ناھىيە-شەھەر (رايون) لىك ئاياللار بىرلەشمىلىرىنىڭ رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ بارلىق كادىرلىرى قاتارلىقلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جيەنلىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن مۇھىم سۆز قىلدى ؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، رەئىس خاسىيەت ئەلى مۇقىملىق ، تەرەققىيات ، ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش ، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپتىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىلىدىكى ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى خۇلاسىلەپ ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 2014-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھەرقايسى مۇئاۋىن رەئىسلىرى بۆلۈپ باشقۇرۇۋاتقان كەسپىي خىزمەتلەر توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جيەنلىڭ يىغىندىن خۇلاسە چىقاردى.

  ئەڭ ئاخىرىدا ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ما پىنيەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىن دوكلات بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جيەنلىڭ شىنجاڭنىڭ ئاياللار خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر