باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، باھالايمەن›› تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ 2013–يىلى12–ئايلىق توردا باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2014.01.10 15:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇقىيە، لېي فېڭئې، تۇراپجان قاتارلىق 30 كىشى ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلار›› بولۇپ باھالاندى

  شىن ۋېنمىڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو تېلېگرافى ‹‹تيەنيى لوڭقىسى›› بويىچە ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، باھالايمەن›› پائالىيىتىنىڭ 2013 – يىلى 12 – ئايلىق توردا باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بەرگەن رۇقىيە، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا كۆيۈنگەن لېي فېڭئې، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ياشانغان كىشىنى قۇتقۇزۇۋالغان تۇراپجان شەمشىدىن قاتارلىق 30 كىشى باھالاپ چىقىلدى. (تەپسىلاتىنى تورىدىن كۆرۈۋېلىڭ).

  2013 – يىلى 12 – ئايدا جۇڭگو تېلېگرافى ‹‹تيەنيى لوڭقىسى›› بويىچە ‹‹پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، باھالايمەن›› تېمىسىدىكى پائالىيەت ‹‹تەڭرىتاغ تورى››، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيلىك تورى››دا باشلانغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تور ئەھلىلىرى ئاكتىپ بېلەت تاشلىدى ھەم بېلەت تاشلاش جەريانى پەزىلەتلىك شىنجاڭلىقلاردىن ئۆگىنىش جەريانىغا ئايلاندى. 2013 – يىلى 25 – دېكابىرغىچە، تاشلانغان بېلەت 671 مىڭ 136 گە يەتتى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رۇقىيە 2009 – يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئۆز يېنىدىن 5000 يۈەن چىقىرىپ، مەكتەپتىكى ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ياخشى بولغان، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دوستلىرىمۇ بۇ سەپكە قېتىلدى. جىمىسار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كادىرى لېي فېڭئې كېسەلچان دادىسى ۋە قارىغۇچىسى يوق جىيەن قىزىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق قىلدى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا كۆيۈندى. ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسىدىكى دېھقان تۇراپجان ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ياشانغان كىشىنى سۇدىن قۇتقۇزۇۋالدى ھەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر