باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئىككىلىك كود ئارقىلىق ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەرنى باشقۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

2014.01.10 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككىلىك كود نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ناتۇنۇش ئەمەس، بىراق ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئىككىلىك كودنىڭ ئاقما نوپوس ۋە ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەرنى باشقۇرۇشتا غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەڭرىتاغ تارماق رايونى خېيجياشەن ساقچىخانىسى ئاقما نۇپوس ۋە ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەرنى باشقۇرۇشتا، ئىككىلىك كودتىن پايدىلىنىپ، ئاقما نوپوسلارنىڭ ئىككىلىك كودىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىجادىي يوسۇندا تۈزۈپ چىقىپ، ساقچىلىق مېخانىزمى ئىسلاھاتى جەريانىدىكى يېڭى بىر تەدبىر بولۇپ قالدى.

  نۆۋەتتە، ئاقما نوپوسلارنىڭ ئىككىلىك كودىنى يىغىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاپتونوم رايونلۇق ۋە شەھەرلىك رەھبەرلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، خېيجياشەن ساقچىخانىسى قارمىقىدىكى 12 مەھەللە رايونىدا بۇ سېستىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش خىزمەتلىرى تاماملانغان بولۇپ، تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مەھەللە رايونلىرىدىمۇ ئىككىلىك كود تېخنىكىسى قوبۇل قىلىنغان. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاقما نوپۇسلارنىڭ ئىككىلىك كودىنى يىغىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى پۈتۈن شەھەر ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە كېڭەيتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر