باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ خەلقچىللىقى كۈچلۈك دىققەتكە سازاۋەر بولدى(1)

2014.01.06 16:38   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭنىڭ خەلقچىللىقى كۈچلۈك دىققەتكە سازاۋەر بولدى(1)

  2013-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شى جىنپىڭ لەنجوۋدىكى بىر «مەۋھۇم ساناتورىيە»نىڭ ئاشخانىسىغا كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، ئۇ تاماق ئۇسۇلغان قاچىنى كۆتۈرۈپ 72 ياشلىق ياڭ لىنتەيگە ئاپىرىپ بەردى. (سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان).

  يېقىندىن بۇيان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مانتىخانىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ غىزالانغانلىقى، ئىشخانىسىدا يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلغانلىقى كەڭ دىققەتكە سازاۋەر بولدى. كىشىلەر ئالىي رەھبەرنىڭمۇ ئاددىي غىزالىنىدىغانلىقىنى، ئىشخانىسىغا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۈرىتى قويۇلغانلىقىنى بايقىدى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شيې چۈنتاۋنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى بىر قاتار خەلقچىل ھەرىكەتلىرى، «قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى خەلقچىللىق ھېسسىياتى» رەھبەرنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدىكەن.

  1-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر ھەپتە بۇرۇن شى جىنپىڭ كېلىپ غىزالانغان شىچېڭ رايونىدىكى چىڭفېڭ مانتىخانىسىنىڭ يۆتەن تارماق دۇكىنى ئالدىدا خېرىدارلار ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتتى.

  12-ئاينىڭ 28-كۈنى شى جىنپىڭ يېگەن ئىككى دانە چوشقا گۆشى-پىياز قىيمىلىق مانتا، بىر قاچا جىگەر قورۇمىسى ۋە بىر تەخسە زاغۇن سوغۇق سېيىدىن تەشكىل تاپقان 21 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك تاماقنى خېرىدارلار تالىشىپ سېتىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئۈستەل-ئورۇندۇقنى غوجايىن يىغىۋەتكەن بولسىمۇ، كىشىلەر شۇ ئورۇندا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى. «رەئىس تامىقى» يېگىلى ئالاھىتەن بارغان مۇخبىر شياۋ چيەن چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن يەپ بولالمايدىكەنمەن، رەئىسنىڭ ئىشتىھاسى بەلەنكەن.

  مۇخبىر مەزكۇر مانتىخانىنىڭ يۆتەن تارماق دۇكىنىدىلا ئەمەس، جىنتەي يولى، ئولىمپىك مەركىزى، جيەندې يولىدىكى تارماق دۇكانلىرىدىمۇ «رەئىس تامىقى»نىڭ خېرىدارلارنىڭ بىرىنچى تاللىشى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. جېڭجوۋدىن مەخسۇس مۇشۇ تاماقنى يېگىلى كەلگەن لۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىن كېتىمەن، مەن رەئىس يېگەن تاماقنى تېپىپ باقاي دەپ ئالايىتەن كەلدىم.

  شيې چۈنتاۋ مۇنداق دېدى: شۇنچە چوڭ رەھبەرنىڭ پۇقراۋى ئۆلچەمدىكى 21 يۈەنلىك ئاددىي تاماقنى يەيدىغانلىقىنى كۆردى. شى جىنپىڭنىڭ ناھايىتى خەلقچىل ئىكەنلىكىنى ئاممىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن