باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىككى ئىنتىزام -مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ دېلو بېجىرىشنى كۈچەيتتى، 17 ئۆلكىمۇ ئۆرنەك ئېلىپ كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى

2014.01.08 18:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە «تىغ ئۇچىنى خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇققا قارىتايلى ‐‐‐ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى دېلو نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دېلو بېجىرىش كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى بۇلتۇر ئىككى ئىنتىزام-مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى. بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 17 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) نىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، يېڭىدىن 1~2 ئىنتىزام-مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنى كۆپەيتتى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 2013-يىلىنىڭ بېشىدا «ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش، ھازىر ‹ھادىسىدىن تۈزەش›نى ئاساس قىلىپ، ‹ماھىيەتتىن تۈزەش› ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ھۆكۈم ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش خىزمىتىگە قارىتا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر