باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2014-يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىشقا باشلىدى

2014.01.08 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8-يانۋار خېبىي ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. كىشىلەر يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئالدىغا گۈللەرنىڭ تىزىلمىغانلىقىنى، ۋەكىللەر ئورنىغىمۇ مىنېرال سۇ قويۇلمىغانلىقىنى، پەقەت يىغىن سىرتىدىكى زالغا چاي قويۇلغانلىقى، ۋەكىللەر، ئەزالار تۇرۇشلۇق جايدا رەڭلىك بايراق، شارلارنىڭ ئېسىلمىغانلىقىنى، گۈللەرنىڭ تىزىلمىغانلىقىنى، گىلەم سېلىنمىغانلىقىنى بايقىدى.

  جايلار ئېلان قىلغان يىغىن مۇددىتىگە ئاساسەن، مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، 2014-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت يەرلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىگە كىرىدۇ. 6-يانۋار نىڭشىيانىڭ «ئىككى يىغىنى» ئېچىلدى، مۇشۇ ھەپتە فۇجيەن، شىزاڭ، گەنسۇ ئايرىم-ئايرىم خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئاچىدۇ، يىغىن مەيدانىنىڭ ئاددىي بولۇشى تاراتقۇلار خەۋەر قىلىدىغان ھالقىلىق سۆز بولۇپ قالدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى، «تۆت ئىستىلغا قارشى تۇرۇش»،« ئاتكرىتكا مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى» «تاماكا مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى» ئارقا كۆرۈنۈشىدە 2014-يىلى يەرلىكنىڭ «ئىككى يىغىن ئېيى»دا تېخىمۇ كۆپ ئاددىي تېجەشلىك بولۇش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر