باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىلىشىدا ئۈمىد بار

2014.01.08 18:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن 7-چېسلا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تاماكا تىزگىنلەش تەشۋىقاتى ۋە ساغلاملىق تەربىيەسىنىڭ سالمىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، نەمۇنىلىك-باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىس-تۈتەكسىز سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىس-تۈتەكسىز مۇھىت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تاماكا تاشلىتىش مۇلازىمىتى قىلىپ، ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇن چىقىرىش تەتقىقاتىنى پائال قانات يايدۇرىدۇ.

  سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئاپپاراتلىرى ئىس-تۈتەكسىز مۇھىت يارىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ تاماكا چېكىش چەكلەنگەن ئوچۇق ۋە يېپىق سورۇندا تاماكا چېكىشىگە يول قويۇلمايدۇ، مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خادىملار باشقىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تاماكا چېكىش قىلمىشىنى نەسىھەت قىلىپ توسىدۇ ۋە چەكلەيدۇ.

  سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشنى چەكلەش ھەققىدە دۆلەت مىقياسىدا قانۇن چىقىرىشقا ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش تەكشۈرۈشى-تەتقىقاتى ۋە قانۇن ماددىلىرىنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاماكا تىزگىنلەش ھەققىدە قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، جايلارنىڭ تاماكا چەكلەش ھەققىدە نىزام چىقىرىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (بەي جيەنلياڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر