باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقرالار كۈتۈنۈش پۇلى قانداق مەبلەغ سېلىنىدۇ؟ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بازارغا كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۈچ چوڭ قىزىق نۇقتا

2015.07.22 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 21-ئىيۇل تېلېگراممىسى. يېقىندا، جامائەتچىلىكنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان «ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»غا ئاشكارا تەكلىپ-پىكىر ئېلىش ئاخىرلاشتى، 2 تىرىللىئون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشقا تولۇق ئاجرىتىلىشى مۇمكىن.

  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ئاممىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش ھەر بىر كىشىگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇخبىر ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە مۇتەخەسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  قىزىق نۇقتا 1: كۈتۈنۈش پۇلىنى مەبلەغ سېلىش «پاي چېكى ئويناش»دېگەنلىكمۇ؟

  «چارە»دە كۈتۈنۈش پۇلىنى مەبلەغ سېلىشتىكى 20 نەچچە يول كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن، «پاي چېكى بازىرى» دېگەن بۇ ئۇقۇم يەنىلا ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى، بولۇپمۇ يېقىندا پاي چېكى بازىرىدا داۋالغۇش ئەڭ چوڭ بولغان مەزگىلدە، كۈتۈنۈش پۇلىنى «پاي چېكى ئويناش»قا ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئاممىنى ئەڭ ئەندىشىگە سالدى.

  شاڭخەي شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما لى: «چارە»دە پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىش، پاي چېكى فوندى، ئارىلاش فوند، پاي چېكى تىپىدىكى كۈتۈنۈش پۇلى مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبەت يىغىندىسىنىڭ فوند مۈلكى ساپ قىممىتىنىڭ ٪30ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئېنىق بەلگىلەندى، بۇ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ پاي چېكى تىپىدىكى مەھسۇلاتلارغا مەبلەغ سېلىنىش نىسبىتىنىڭ چوقۇم ٪30تىن تۆۋەن كونترول قىلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاشلا مەبلەغ سېلىش خەۋپ-خەتىرىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش مەقسەت قىلىنغان، دېدى.

  «چارە» دۆلەت ئىچىدە پاي چېكى قىممىتى زور نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن پەيتتە يولغا قويۇلغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئامما بۇ ۋاقىتتا كۈتۈنۈش پۇلىنى بازارغا كىرگۈزۈشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پاي چېكى بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلىشتى.

  يىفاڭدا فوند باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ بازار باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گاۋ سۇڭفەن مۇنداق دېدى: پاي چېكى بازىرىدىكى نەچچە تىرىللىئون يۈەنلىك مەبلەغ مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا، 600 مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بازارغا كىرىش كۆلىمىنىڭ تەسىرى چوڭ بولمايدۇ. «كۈتۈنۈش پۇلى پاي چېكى بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشلىتىلمەيدۇ، ئۇنىڭ پاي چېكى بازىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارى يوق، شۇنداقلا بۇنداق رولمۇ ئوينىيالمايدۇ».

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي جۇڭئېن: «ئاممىدا كۈتۈنۈش پۇلىنى بازارلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىشقا ئىشلىتىش توغرىسىدا خاتا چۈشەنچە بار، مەبلەغ سېلىش ئاددىي <پاي چېكى ئويناش» ئەمەس بەلكى كۆپ مەنبەلىك مۈلۈك تەقسىماتى ئارقىلىق، پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش، كەسپىي ئاپپاراتلارغا ھاۋالە قىلىش ھەم كەسىپلەشكەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تايىنىش ئارقىلىق مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

  قىزىق نۇقتا 2: كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بازارغا كىرىشى «ئۇششاق پايچىلارنى يىغىش»قا تۈرتكە بولامدۇ؟

  كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بازارغا كىرىشى توغرىسىدا يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ پاي چېكى بازىرىدا «ئۇششاق پايچىلارنى يىغىش» رولىنى ئۆتەش-ئۆتەلمەسلىكىنى گۇمانلىنىۋاتىدۇ. گاۋ سۇڭفەن: كۈتۈنۈش پۇلىنى بازارغا كىرگۈزۈشتە ھەم پاي بازىرىدىكى يەمچۈككە ئايلاندۇرۇش، ھەم ئۇششاق پايچىلارنىڭ پۇلىنى تېپىش مەقسەت قىلىنمىغان، دېدى.

  گاۋ سۇڭفەن: ئەمەلىي تىجارەت جەريانىدا، پاي چېكى بازىرىغا كىرگەن فوند كۆلىمى ۋە كىرىش ۋاقتىنى ھۆكۈمەت بىۋاسىتە كونترول قىلمايدۇ بەلكى ھوقۇق بېرىلگەن ۋە ھاۋالە قىلىنغان بازار ئاپپاراتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، لېكىن، ئاكسىتە بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشقا قاتتىق بەلگىلىمىسى بار، كۈتۈنۈش پۇلىنى مەبلەغ سېلىش «ئۇششاق پايچىلارنى يىغىش»تىكى «مۈلۈك گەۋدىسى»گە قەتئىي ئايلىنالمايدۇ، دېدى.

  شيۇڭ خۈي: «كۈتۈنۈش پۇلىنى مەبلەغ سېلىش بىلەن ئۇششاق پايچىلارنى پۈتۈنلەي زىتلاشتۇرۇش توغرا ئەمەس. كۈتۈنۈش فوندى ھەر بىر ئاممىغا مۇناسىۋەتلىك كۈتۈنۈش پۇلى، خەلقتىن ئېلىپ، خەلققە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ تەبىئىي ھالدا يەنە پاي چېكى بازىرىدىكى ئۇششاق پايچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشەنچلىك مەبلەغ سېلىش مەشغۇلاتى ئارقىلىق كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق خەلقنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ» دېدى.

  قىزىق نۇقتا 3: كۈتۈنۈش پۇلىنى مەبلەغ سېلىشتا يەنە قايسى يۆنىلىشلەر بار؟

  پاي چېكى بازىرىدىن سىرت، كۈتۈنۈش پۇلىدا يەنە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش يولى بار. ما لى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ئاممىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، فوندنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسىدە ئېغىر خەۋپ-خەتەر كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەڭ مۇھىم ئويلىشىلىدىغان ئىش، دېدى.

  «چارە»دە كۈتۈنۈش پۇلىنى چېگرا ئىچىدە مەبلەغ سېلىش بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئاساسلىقى بانكا ئامانەت پۇلى تۈرىدىكى مەھسۇلات، زايوم تۈرىدىكى مەھسۇلات، پاي چېكى ۋە فوند تۈرىدىكى مەھسۇلاتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر خىل مەھسۇلاتلاردىكى مەبلەغ سېلىش نىسبىتىدە، ھەممىسىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا قاتتىق چەك قويۇلغان. ئومۇمىي پىرىنسىپ: خەۋپ-خەتەر تۆۋەننىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، خەۋپ-خەتەر چوڭنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش.

  ما لى: كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن تىجارەت قىلىش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىغا ماس كېلىدۇ، چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىش ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم مەنپەئەتلىنىش ساھەسىگە ئىگە، دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر