باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە ياپونىيەنىڭ «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»دا دوكتو ئارىلىغا ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار دېگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

2015.07.22 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ 2015-يىللىق «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»دا ياپونىيەنىڭ تاكاشىما دەپ ئاتايدىغان دوكتو ئارىلىغا نىسبەتەن ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار دېگەنلىكىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى 2015-يىللىق «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى»دا يەنە بىر قېتىم دوكتو ئارىلىغا نىسبەتەن ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار دېدى. بۇ ياپونىيەنىڭ مىلىتارىزم تاجاۋۇزچىلىق تارىخىي قىلمىشىنى ئىنكار قىلغانلىقى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە ياپونىيەنىڭ بۇنداق قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ تارىخنى ھازىرغىچە تېخى توغرا تونۇمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تۈنۈگۈن كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ياپونىيەنىڭ كورىيەدىكى ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى ھەمدە ياپونىيەدىن بۇنىڭغا دەرھال تۈزىتىش بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر