خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21- ئىيۇل خەلق سارىيىدا يېڭى زىللاندىيە ۋالىسى مەتپاتىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقىلىرى جۇڭگو- يېڭى زىللاندىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو- يېڭى زىللاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن يېڭى زىللاندىيە مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق يېڭى مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەر ساھەدە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە يەنىمۇ بەخت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو - يېڭى زىللاندىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىىۋىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ھۈكۈمەتلىرى، پارتىيەلەر، جايلار ۋە دۇنيادىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى ئالاقە- ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئەلرايى ئاساسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى دائىرىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، دېھقانچلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى زورايتىپ ھەم يىمەكلىك بىخەتەرلىكى، بىئو- تىببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئارمىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئۆزئارا زىيارىتى، مۇداپىئە ئىشلىرىدا كېڭىشىش، بىرلەشمە مانىۋېر، بىرلەشمە مەشق، كوماندىر- ئەسكەرلەرنىڭ ئالاقىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مۇداپىئە، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئەدلىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ھالقىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە بىرلىشىپ زەربە بېرىشى كېرەك. جۇڭگو يېڭى زىللاندىيە بىلەن ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالاقىسى، يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، پەن- تەتقىقات، خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئالاقە- ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك، مۇقىم بولغان ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى