باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا 16-گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەنى كۆزدىن كەچۈرگەندە

يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە ماسلىشىپ قىسىمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى ياخشى يېتەكلەپ، كۈچلۈك ئارمىيە نىشانىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر، قۇراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2015.07.20 16:09   مەنبە: خەلق تورى

يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە ماسلىشىپ قىسىمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى ياخشى يېتەكلەپ، كۈچلۈك ئارمىيە نىشانىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 18-ئىيۇل مەخسۇس 16-گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىغا ۋەكالىتەن 16-گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەدىكى بارلىق كوماندىر- جەڭچىلەردىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىدىيەدە ئالدىدا مېڭىش، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ جەڭگە تەييارلىق قىلىش، ئەستايىدىل بولۇش، ئۆزى ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە ماسلىشىپ، قىسىمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى ئوبدان يېتەكلەپ، «تۆت بولۇش»نى ھازىرلىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يىتىشتۈرۈپ، كۈچلۈك ئارمىيە نىشانىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە شى جىنپىڭ 16-گۇرۇپپىۋاي ئارمىيە ئورگىنىغا كېلىپ، گۇرۇپپىۋاي ئارمىيە ئورگىنىدىكى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار، دىۋىزىيە، برىگادالارنىڭ باش مەسئۇلى ۋە چاڭچۈندە تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ دېۋىزىيەدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى، تەشكىلىي تۈزۈلۈش پولك دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باش مەسئۇللىرى بىلە سەمىمىي كۈرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 16-گۇرۇپپىۋاي ئارمىيە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان كونا قىسىم، نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەنىڭ قىسىم ئومۇمىي قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈگەن يېڭى تەرەققىياتنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، گۇرۇپپىۋاي ئارمىيە بارلىق كوماندىر- جەڭچىلىرىنىڭ بۇرچنى ئىسىدە چىڭ ساقلاپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، جاپالىق ھەم ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى زور نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى