- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى: يىل ئاخىرىغىچە يانفون ئېقىمى ۋە كەڭ بەلباغ ھەققى %30تۆۋەنلەيدۇ، ئاشقان ئېقىم ئاي ئاخىرىدا بىكار قىلىنمايدۇ
2015.07.23 11:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئېنژېنىرى جاڭ فېڭ، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى ئالاقە تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋېن كۇ 22-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 2015-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى سانائەت-ئالاقە تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ۋېن كۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، يانفون ئېقىمى ۋە مۇقىم كەڭ بەلباغنىڭ يەككە كەڭ بەلباغ ئوتتۇرىچە ھەققى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30چۈشۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ بارلىق كۆچمە ئابونتلارغا يۈزلەنگەن، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان شۇ ئايلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئېقىمىنىڭ ئاي ئاخىرىدا بىكار قىلىنماسلىق چارىسىنى يولغا قويۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر