باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدا قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ئىچكى ھاياتىنى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش شەرقىي شىمال كونا سانائەت رايونى بازىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى تەكىتلىدى

2015.07.20 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئىيۇل چاڭچۈندە ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي شىمال سانائەت رايونى قاتارلىق كونا سانائەت رايونى ۋە «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى پىكرى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەيلى شەرقىي شىمال رايونى ياكى مەملىكەت بويىچە تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، شەرقىي شىمال كونا سانائەت رايونىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شەرقىي شىمال كونا سانائەت رايونى قىين ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويدى، دۆلەت قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، شەرقىي شىمال رايونى ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، توغرا كۈچەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، كونا سانائەت بازىسىنىڭ گۈللىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى لى شى، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بايىنچاۋلۇ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ شيەنكۈي، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ جۈنشيەنلەر سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەرقىي شىمال سانائەت رايونى قاتارلىق كونا سانائەت رايونىنى بازىسى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇچ كېلىۋاتقان پۇرسەت ۋە خىرىس ھەم مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى ۋە تەدبىرى ئۈستىدە چۈشەنچە بېرىپ، نۆۋەتتىكى شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى، تۈزۈلمە مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، سىرتقا ئېچىۋىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ قىلىش ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى ھەم ئارىلاپ پىكىرلەشتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر