باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يولداش ۋەن لىنىڭ جەسىتى 22-ئىيۇل كۆيدۈرۈلدى

2015.07.21 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تيەنئەنمېن مەيدانى قاتارلىق جايلاردا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20-ئىيۇل تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پرولتارىيات ئىنقلابچىسى، سىياسىئون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11-، 12-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12-، 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش ۋەن لىنىڭ جەسىدى 22-ئىيۇل بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى. يولداش ۋەن لىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 22-ئىيۇل پايتەختتىكى تيەنئەنمىن مەيدانى، شىنخۇامېن، خەلق سارىيى، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار، ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ھەرقايسى چېگرا پورت-ئېغىزلىرى، تاشقى دېڭىز ۋە ھاۋا پورتلىرى، جۇڭگونىڭ چەت ئەلدىكى باش ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر