باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاممىۋى تەشكىلاتلار يۇرتىدا قالغان بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاشكارىلىدى

2015.07.21 10:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىچېڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتى يېڭىدىن قۇرۇغان جوڭجى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى يېقىندا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، يۇرتىدا قالغان بالىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى ئاشكارىلاپ، مەسىلە ھەل قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جوڭجى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مۇنۇلار ئايان بولدى: زىيارەت قىلىنغان 23 ئۆلكىدىكى يۈز يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 16 مىڭ 265 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۇرتىدا قالغان بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 8132 بولۇپ، يېرىمىنى ئىگىلىگەن. %60 كە يېقىن يۇرتىدا قالغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىدىكەن، ئۇلارنى بوۋا-مومىلىرى باقىدىكەن، بەزىلىرىنىڭ ھامىيلىرى يوق ئىكەن. مەلۇماتقا قارىغاندا، جۇڭگودا ھەر يىلى 50 مىڭغا يېقىن بالا كۈتۈلمىگەن زىيان-زەخمەت سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ نۇرغۇنى يۇرتىدا قالغان بالىلار ئىكەن. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %40 كە يېقىن يۇرتىدا قالغان بالىنىڭ ئايلىق تۇرمۇش راسخوتى 200 يۈەندىن ئاشمايدىكەن، ماددىي كاپالىتى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدىكەن. ماددىي تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، روھىي غەمخورلۇقنىڭ ئاز بولۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەن، يۇرتىدا قالغان %88 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلىرى بەك كۆپ ئالاقە قىلمايدىكەن ياكى ئازراق ئالاقە قىلىدىكەن، ھەتتا كەمدىن-كەم ئالاقە قىلىدىكەن. دوكلاتتا، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، يۇرتىدا قالغان بالىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش تەكلىپى بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر