خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ ساقساق مەھەللە ئىش باشقارمىسى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 16- ئىيۇل تەۋەلىكىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 110 ئائىلىدىن 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۇن ، گۈرۈچ ، سۇ مېيى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ھال سوراپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخۇرلىقىنى يەتكۈزدى .
سۈرەتتە: قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ھال سوراش بۇيۇملىرىنى توكسىلىقا باسماقتا .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى