باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئوبلاستىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا بىرمۇ ئاز سانلىق مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ

2015.07.17 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 16- ئىيۇل تېلېگراممىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئوبلاستىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكى يەنبيەن چاۋشىيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشلىقى لى جىڭخاۋ ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن خوشاللىق بولدى.

  تۆت ئاي ئىلگىرى، يەنى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 9- كۈنى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى جىلىن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ۋەكىل لى جىڭخاۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنى يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئوبلاستىغا تەكلىپ قىلغان، شى جىنپىڭ: مېنىڭ يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىر كۆرۈش ئويۇم بار ئىدى، كىلەر قېتىم جەزمەن بېرىپ كېلىمەن، دېگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم جىلىن ئۆلكىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تۇنجى بولۇپ يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا باردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشى بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىمۇ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، دېھقانلار پاكىزە ھاجەتخانىلەرنى ئىشلىتىدىغان بولدى. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى كۆپرەك يېزىلارغا، كونا ئىنقىلاب رايونى، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ھېچكىم مۇستەسنا ئەمەس، شۇنداق بىرمۇ ئازسانلىق مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر