باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ جاي جايلىرىدا پۇقرالار يېڭى خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە ئېتىراز بىلدۈردى ئابې كابېنتىنى قوللاش نىسبىتى تۇنجى قېتىم %50 تىن تۆۋەن بولدى

2015.07.20 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 18-ئىيۇل سائەت چ3 دە 5000 دىن ئارتۇق ياپونىيە پۇقراسى پارلامېنت ئالدىغا يىغىلىپ، «ئابې سىياسىتىگە يول قويمايمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ،«يېڭى خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنى لايىھەسىگە قارشى تۇرىمىز»، «باش ۋەزىر ئابې تەختتىن چۈشسۇن» دەپ توۋلىدى. بۇ ئابېغا قارشى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت. بۇ كۈنى «ئابې سىياسىتىگە يول قويمايمىز» دېگەن خەتلەر ياپونىيەنىڭ چوڭ كىچىك كوچىلىرىنى قاپلىدى. ياپونىيە كيودۇ ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئابې كابېنتىنى قوللىماسلىق نىسبىتى تۇنجى قېتىم 50% تىن تۆۋەن بولۇپ، 51.6% كە يەتكەن.

  «ئابې سىياسىتىگە يول قويمايمىز» بويىچە مەملىكەتلىك پائالىيەتنى ياپونىيەلىك يازغۇچى ساۋاناگايبو، ئاخباراتچى شۇنتارو تورىگوئى قاتارلىق يۈزگە يېقىن ياپونىيە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر بىرلىكتە قوزغىغان. يىغىلىش باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي يامغۇر يېغىپ كەتتى. «ھاۋاغا بويسۇنمايمىز، ئابې سىياسىيسىغا ئاجىزلىقىمىزنى كۆرسەتمەيمىز» نامايىشچىلار ھېچكىم بۇ يەردىن كەتمىدى، ئەكسىچە «ئابې سىياسىيسىغا يول قويمايمىز» دەپ توۋلاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر