باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىقلار چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈشكە باشلامچىلىق قىلماقتا(1)

2015.07.21 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا چېگرىسى ئامېرىكىغا ئوغۇرلۇقچە ئۆتىدىغان قۇرۇقلۇقتىكى مۇھىم يول. كىشىلەرنى چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈشكە تەكىللەيدىغان يىلانباشلىرى بولسا مېكسىكىلىق ئەمەس. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «پىتتىسبۇرگ مۇنبىرى ئوبزور گېزىتى» سەككىز ئاي تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى ئىش تەقسىماتىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، ئەڭ مۇھىمى، بۇ كەسىپ زەنجىرىگە ئاساسلىقى ئامېرىكىلىقلار باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  «پىتتىسبۇرگ مۇنبىرى ئوبزور گېزىتى»3524 قانۇنسىز ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈش دېلوسىنى تەھلىل قىلدى، بۇ دېلولار 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تىكساس، يېڭى مېكسىكا، ئاروزاننا ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتلىرىدىكى فېدېراتسىيە سوت كوللىگىيىلىرى بۇ دېلولارنى بىر ياقلىق قىلغان.

  سوتنىڭ قاراپ چىقىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، جىنايەتكە چېتىشلىق %80 يىلانبېشى ئامېرىكا پۇقراسىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ «چىلبۆرە» دېگەن يەرلىكلەشكەن نامى بار ئىكەن. تىپىك چىلبۆرىلەر ئاساسلىقى لاتىن ئامېرىكىسىلىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىكلەركەن، 34 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، دېگۈدەك مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان. بۇ چىلبۆرىلەر ياكى ئىشسىز، ياكى قوشۇمچە بۇ ئىشنى قىلىپ پۇل تاپىدىغانلار ئىكەن.

  «پىتتىسبۇرگ مۇنبىرى ئوبزور گېزىتى» نىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈش ئەمگەك كۆپ تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولۇپ، چىلبۆرىنىڭ خىزمىتى ئانچە يېنىك ئەمەسكەن، ئۇلار ئۈچ قانۇنسىز كۆچمەنگە مەسئۇل بولىدىكەن، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى، تۇرالغۇسى، قاتنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدىكەن.

  قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە، ئاساسلىقى ئامېرىكا پۇقرالىرى پوستتا تۇرىدىكەن، سوتنىڭ ھۆججىتىگە قارىغاندا، جىنايەتكە چېتىشلىق قاراۋۇللار ئامېرىكىلىق ئىكەن.

  ئۇنداقتا ئامېرىكا پۇقرالىرى نېمە ئۈچۈن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈشتىكى يانتاياققا ئايلىنىپ قالدى؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ئۇلارنى پايدا مۇشۇ يولغا سۆرەپ كىرگەن. «پىتتىسبۇرگ مۇنبىرى ئوبزور گېزىتى»نىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت كوللىگىيىسىنىڭ ھۆججىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تەھلىل قىىلىشىچە، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈشىگە ياردەملەشكەن ئامېرىكىلىقلار بىر قانۇنسىز كۆچمەننى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويسىلا 840 ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىكەن. مانا بۇ چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈزۈشتىكى ئەڭ خەتەرلىك ھالقا بولۇپ، ئاشكارىلىنىپ قالسا، چۇقۇم قولغا ئېلىنىدۇ.
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر