باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يارىدىمىگە ئېرىشتى

2015.07.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ21 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇرغا ناھىيەسى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدە يارىدەم قىلغان 32 دىيۇيملۇق، سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق 10 مىڭ تېلېۋىزورنى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن بۇيان تېرىم بازىرى، بايئاۋات يېزىسى قاتارلىق يېزا-بازارلاردىكى دېھقان ئائىللىرىگە روزا ھېيىتلىق سوۋغا سۈپىتىدە تارقىتىپ بىرىپ، ئۇلارغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇردى.

  بۇ نۆۋەت تارقىتىلغان تېلېۋىزوردىن ھەر خىل فىلىملەرنى خالىغانچە تاللاپ كۆرىۋاتقان يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازار زارات كەنتىدىن دېھقان تۇرسۇن تەۋەككۇل ئىنتايىن مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ تېلېۋىزور ئائىلىمىزدىكىلەرگە زور مەنىۋى خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەندۇڭ-شىنجاڭ ساھەلەر يارىدىمىدىن تۇرمۇشىمىزدا ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەر بولدى. پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ بىز دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا كاپالەتلەندۈرۈش ئەۋزەل سىياسىتىدىن چەكسىز سۆيىنىۋاتىمەن.يوپۇرغا ناھىيەسى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ تېلېۋىزورنى ھەممە دېھقان ئائىللىرىگە يەتكۈزۈش، مەدەنىيەتتىن ھەممە ئائىللەرنى بەھرىمان قىلىش پىلانى بويىچە 20 مىڭ 500 تېلېۋىزور يارىدەم تۈرىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلتۇر تۇنجى تۈركۈمدە ئېرىشكەن 1500 تېلېۋىزورنى يوپۇرغا بازىرى ۋە يوپۇرغا يېزىسىدىكى دېھقان ئائىللىرىگە تارقىتىپ بىرىپ، ئۇلارنى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا يارىدەم بىرىش سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن ئۆز ۋاختىدا بەھرىمان قىلدى ھەمدە بۇ يىل ئىككىنچى تۈركۈمدە ئېرىشكەن 10 مىڭ تېلېۋىزورنى روزا ھېيىت ھارپىسىدا ھەر قايسى دېھقان ئائىللىرىگە تارقىتىپ بىرىپ، ئۇلارنىمۇ مول، رەڭدار تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈپ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىدىن ۋاختىدا خەۋەردار بولۇپ نەزەر دائىسىنى كېڭەيتىش ۋە قانۇن، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر