باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز يېزىلارنىڭ يۆلەش-ئېچىش ئىشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 13 مىليارد 890 مىليون يۈەن ئاجىراتتى

2015.07.21 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق» تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسىدىن يېزىلارنىڭ يۆلەش-ئېچىش ئىشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 13 مىليارد 890 مىليون يۈەن ئاجىرىتىلغان.

  ئىگىلىنىشچە، 2015-يىلى مەركەز مالىيەسى «جۇڭگونىڭ يېزىلارنىڭ يۆلەش-ئېچىش ئىشلىرى پرۇگراممىسى (2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» نىڭ مۇناسىۋەتلىك روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خامچوتتا يۆلەش-ئېچىش مەبلىغىدىن يەرلىككە ياردەم بېرىش قىسمىغا 46 مىليارد 90 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىسىدىن %8 ئاشقان، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: تەرەققىيات مەبلىغى 37 مىليارد 10 مىليون يۈەن؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات مەبلىغى 4 مىليارد يۈەن؛ ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش مەبلىغى 4 مىليارد 100 مىليۇن يۈەن؛ گەنسۇنىڭ خېشى، دىڭشى ۋە نىڭشيانىڭ شىخەيگۇ رايونى مەبلىغى 300 مىليون يۈەن؛ دۆلەت ئىلكىدىكى نامرات ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى 420 مىليون يۈەن؛ دۆلەت ئىلكىدىكى نامرات دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى 260 مىليون يۈەن. ھازىرغا قەدەر بۇ مەبلەغلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئاجرىتىپ بېرىلگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر