باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز تارماقلىرىنىڭ نەخچوتى ئۇدا بەشىنچى يىل ئاشكارىلاندى

2015.07.21 10:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



يېقىندا مەركەز تارماقلىرىنىڭ 2014-يىللىق نەخچوتى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىندى، بۇ يىل مەركەزنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى 2011-يىلىدىن بۇيان ئۇدا بەشىنچى يىل جەمئىيەتكە ئۆز تارمىقىنىڭ نەخچوتىنى ئاشكارىلىدى، شۇنداقلا بۇ مەركەز تارماقلىرىنىڭ بۇ يىل يولغا قويۇلغان يېڭى نەخچوت قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز تارمىقىنىڭ نەخچوتىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىشى. يېڭى نەخچوت قانۇنىنىڭ 14-ماددىسىدا: تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە تارماقلىرى تەستىقلىغان تارماقلارنىڭ خامچوتى، نەخچوتى ۋە مەلۇمات جەدۋىلى تەستىقلانغان كۈندىن كېيىنكى 20 كۈن ئىچىدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ، ھەمدە تارماقلارنىڭ خامچوتى، نەخچوتىدىكى ئورگاننىڭ مەشغۇلات خىراجىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىق مۇھىم ئىشلارغا ئىزاھات بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. تونۇشتۇرىلىشىچە، بۇ يىل مەركەز تارماقلىرىنىڭ نەخچوتىدا ئاشكارىلانغان جەدۋەل ئالدىنقى يىلدىكى ئالتىدىن سەككىزگە كۆپەيتىلىپ، چىقىم قىلىنغان پۇل سان-سىفىرلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىپ، مەركەز تارماقلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋىي خامچوتىغا مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىلغان ئاساسىي چىقىمنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى ئېنىق بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش كىرىم-چىقىمى جەملىمە جەدۋىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ، مەركەز تارماقلىرىنىڭ مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش كىرىم-چىقىمىنىڭ قالدۇق ئەھۋالى ئاڭدىڭلاشتۇرۇلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر