باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ باۋئەن مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ھەققىدە چۈشەنچە بەردى

جۇڭگو ئىقتىسادىي: مۇقىملىقى نەدە، ئەھۋالى ياخشى بولۇشى قەيەردە
«مۇقىم»لىقى نەدە، «ئەھۋالى ياخشى» بولۇشى قەيەردە؟

2015.07.17 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، بىراق دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرگەندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي ئېشىشتا ئۆزگىرىش بولۇشتەك ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە، شۇنداقلا تىپىك ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مۇرەككەپ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەت ۋە داۋاملىق كۆرۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئەھۋالنى كۈزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، ماكرولۇق تەڭشەش مېخانىزىمى ۋە تەدبىر- چارە ئۈستىدە تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكلەپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى كۈچەپ يىتىلدۈردى. ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئومۇمىي جەھەتتە مۇۋاپىق ئارىلىقتا داۋاملىشىپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۈرسەتكۈچ تەدرىجىي ئەسلىگە كىلىپ، ئىجابىي ئامىللار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، «ئاستىلاش جەريانىدا مۇقىملىشىپ»، مۇقىملىق ئاساسىدا «ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى»گە يۈزلەندى.

  ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئاستىلاش جەريانىدا مۇقىملاشتى بىرىنچى ئىقتىسادىي ئېشىش مۇقىم. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2- پەسىلدە %7 ئېشىپ، 1- پەسىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى. ئىككىنچى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە شەھەر، بازارلاردا يېڭىدىن 7 مىليون 180 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىر يىللىق نىشان ۋەزىپە %71.8 تاماملىنىپ، 31 چوڭ شەھەر، بازاردا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %5،1 ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى باھا مۇقىم بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاھالىنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى 1- پەسىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى. تۆتىنچى يېزا ئىگىلىكى مۇقىم بولدى. يازلىق ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى 282 مىليارد 100 جىڭغا يىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8 مىليارد 900 مىليون جىڭ كۆپ بولۇپ %33 ئاشتى. بەشىنچى كىرىم مۇقىم بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %7.6 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئىقتىسادىي ئايلىنىش ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  تەرەققىيات ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى تەرەپكە يۈزلەندى بىرىنچى ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ياخشى. بىر قاتار ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەتەردىن ساقلىنىش سىياسەت- تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ ئايمۇ ئاي ئەسلىگە كەلدى. ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە4-،5-،6-- ئايلاردا، كۆلەملەشكەن سانائەت قۇشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6، %6.1 ۋە %6.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.3،0.2 ۋە 0.7 پىرسەنت پوئېنت تېزلىتىلدى. ئېھتىياج جەھەتتە، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى(دېھقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 5- ئايغىچە بولغان ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تەڭلىشىپ، داۋاملىق تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى. 5-، 6- ئايلاردا ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەمەلىي ئېشىشى %10.2 ۋە %10.6 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.3 ۋە 0.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى. 6- ئايدا ئىكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتى مەنپىي ھالەتتىن مۇسبەتكە ھالەتكە ئۆتۈپ %2.1 ئاشتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر