باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: يېزا ئىگىلىكى ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسگە چېتىلىدىغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ

2015.07.22 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 21- ئىيۇل تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 21- ئىيۇل ئوقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ھازىر يېزا ئىگىلىكى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىگە چېتىلىدىغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇ ساھە بۇنداق دېلولار ئاسان يۈز بېرىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان ساھە بولۇپ، بىر دېلو پاش قىلىنسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر مۇنچە جىنايى ئىشلار ۋە جىنايەتچىلەر ئاشكارىلىنىدىكەن ھەم قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى چېن جېڭيۈن تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2013- يىلىدىن بۇ يىل 5- ئايغىچە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى يېزا ئىگىلىكى ۋە نامراتلارنى يۆلەش چېتىشلىق ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن 28 مىڭ 894 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %22 نى ئىگىلىگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېزا ئىگىلىكى ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە چېتىلىدىغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايى دېلولاردىن كوللىكتىپ چىرىكلىشىش دېلوسى ۋە تىل بىرىكتۈرۈپ چىرىكلىشىش دېلوسى كۆپ يۈز بەرگەن. يېزا ئىگىلىكى ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە چېتىلىدىغان فونكىسسىيەلىك تارماقلار بىلەن تەدبىقلىغۇچى ئورۇن ئارىسىدا، دۆلەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئارىسىدا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ئارىسىدا ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈش، شىرىكلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش، «تەشكىللىك» چىرىكلىشىش، بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، نامراتلارنى يۆلەشكە چېتىلىدىغان سىياسەت خاراكتېرلىك ياردەم پۇلى ۋە مەخسۇس مەبلەغنى يۇتۇۋېلىش. ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھىرى تەپتىش ئورگانلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە چېتىلىدىغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايى دېلولار ئىچىدىكى چىرىكلىشىش دېلوسى، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ چىرىكلىشىش دېلوسى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە چېتىلىدىغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايى دېلولاردىن دېلو تورغۇزۇلغان ئادەم سانىنىڭ %84.52 نى ئىگىلىگەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر