باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى

2015.07.22 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، سېربىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى داچىچ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يەنى ئۇكرائىنا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە تۈنۈگۈن بېلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنانىڭ توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلىرىدىن قوراللارنى چېكىندۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى. داچىچ مۇنداق دېدى: يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇكرائىنانىڭ توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلىرىدىن كالبىرى يۈز مىللىمېتىردىن تۆۋەن ئۆلچەملىك تانكا ۋە بىرونىۋىكلارنى چېكىندۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى ھەمدە ئالاقىدار كېلىشىملەرنىڭ نۇسخىسىنىڭ كېڭىشىش خىزمىتىنى تاماملىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ نىشانى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىن ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر