باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كونكىرت ھەق ئېلىش مۇددىتى بەلگىلەنمەيدۇ

2015.07.22 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى قانۇن تۈزۈم مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېيدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ھەق ئالىدىغان تاشيولنىڭ تەسىس قىلىنىش بوسۇغىسىنى ئىگىزلىتىش، ھەق ئېلىش مۇددىتىنى تەڭشەش قاتارلىق سەككىز جەھەتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ھۆكۈمەت ھەق ئالىدىغان تاشيوللاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا بىرتۇتاش قەرز ئېلىپ بىرتۇتاش قايتۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام»دا كونكىرت ھەق ئېلىش مۇددىتى بەلگىلەنمىدى، ھەق ئېلىش ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يول تورىنىڭ ئەمەلىي قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۆلچەم قىلىپ قەرز مۇددىتى بەلگىلىنىدۇ.

  قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس تېمىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا«ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنى باشقۇرۇش نىزامى»(تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)نىڭ ئالاقىدار مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلدى.

  ۋېڭ دۇڭ «نىزام»نىڭ تۈرلۈك تۈزىتىلگەن مۇھىم نۇقتسىنى تونۇشتۇردى.(1)«ھەق ئېلىش» بىلەن«باج ئېلىش»نىڭ ئۇزاققىچە بىللە قوللىنىلىدىغان ئىككى تاشيول سىستېمىسى تەرەققىيات ئەندىزىسى.

  (2)ئىككى خىل تۈردىكى ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى تەڭشەش.

  (3) ھۆكۈمەت ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنىڭ بىر تۇتاش قەرز ئېلىپ بىرتۇتاش قايتۇرىدىغان تۈزۈمنى تەڭشەش.

  (4)تىجارەت خاراكتېرلىك تاشيوللاردا ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت تۈزۈمىنى مۇقىملاشتۇرۇش.

  (5) ھەق ئالىدىغان تاشيول تەسىس قىلىش بوسۇغىسىنى ئىگىزلىتىش.(6)ھەق ئېلىش مۇددىتىنى تەڭشەش.

  (7)ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش.(8)ھۆكۈمەت ھەق ئالىدىغان تاشيوللارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر