خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 21-ئىيۇل گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ «60يىل __ شىنجاڭغا كىرىش» تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. گېرمانىيە، ياپونىيە، سىنگاپور، ئىران، سەئۇدىي ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، قازاقىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق 17دۆلەت ۋە رايوندىكى 39تاراتقۇ ۋە ئورگاننىڭ 55نەپەر تەھرىر مۇخبىر، ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىدۇ.
ئون كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن تاراتقۇ ئۆمەكلىرى ئۈرۈمچى، ئىلى، بايىنغولىن، ئاقسۇ، قەشقەر، شىخەنزە، قاراماي قاتارلىق جايلاردا ئىكىسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولىدۇ، نەقمەيداندا زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىي تەرەققىياتىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق ئىتتىپاق ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ھېس قىلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى