باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ 2015-يىللىق يازلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.03.03 14:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ 2015-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى 1-مارت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى يەن جۇەنچى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يەن جۇەنچى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى چوڭقۇر، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قەتئىلىكىنى كۈچەيتىشى، كېڭىشىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىشى؛ ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى بىرلىكسەپ خىزمىتى بۈلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن جىمىن سۆزىدە كۇرسانتلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ئارقىلىق مىڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، كېڭىشىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شاۋ خۇڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزى كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى يې شىياۋۋىن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر