باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇرۇگۋاينىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ۋازكوز قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

2015.03.03 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇرۇگۋاينىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ۋازكوز 1-مارت ئۇرۇگۋاينىڭ پايتەختى مونتېۋىدېئودا قەسەم بېرى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۆزى بىلەن بىر پارتىيەدىكى مۇجىكانىڭ ئورنىنى ئېلىپ، بەش يىللىق زۇڭتۇڭلۇق مۇددىتىنى باشلىدى. ۋازكوز: مەن ۋەزىپە مۇددىتىمدە جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مائارىپى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرىمەن ھەمدە تىرىشىپ خەلقنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلايمەن دېدى.

  بۇ ۋازكوز تەۋە پارتىيەدىن ئىككىنچى قېتىم زۇڭتۇڭ چىقىشى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى زۇڭتۇڭ 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۆتكەن سەككىز يىلدا ئۇرۇگۋاي بۇ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىقتىسادنىڭ 5.5 پىرسەنتلىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى، نامرات نوپۇس زور دەرىجىدە ئازايدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر