باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول ساقچىلىرى ئۈزلۈكسىز رازۋېتكا قىلىش ئارقىلىق يېقىندا ھاۋالىلىك توشۇشتا يان تېلېفون يۈتۈپ كىتىش دېلوسىنى پاش قىلدى

2015.03.03 13:15         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول ساقچىلىرى ئۈزلۈكسىز رازۋېتكا قىلىش ئارقىلىق يېقىندا ھاۋالىلىك توشۇشتا يان تېلېفون يۈتۈپ كىتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، جىنايەت گۇماندارى تېڭ XXنى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئالدى.

  2- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ساقچى تارماق ئەترىتى شىنجاڭ شۈنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى لى XXنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شىركەت 1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 1- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، مەلۇم ھاۋالىلىك توشۇش بۆلۈمىگە غۇلجىغا توشۇشقا بەرگەن ماللار ئارقا- ئارقىدىن يۈتۈپ كەتكەن. يۈتۈپ كەتكەن ماللارنىڭ ئىچىدە «ئالما» ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندىن 3ى، «قارا بۆلجۈرگەن» ماركىلىق يان تېلېفوندىن بىرى، قول سائىتىدىن بىرى بار بولۇپ، قىممىتى 11 مىڭ 753 يۈەنگە يىتىدىكەن.

  رازۋېتچىكلار تېخنىكىلىق رازۋېتكا قىلىش ئارقىلىق، يۈتۈپ كەتكەن 4 يان تېلېفوننىڭ ئىككىسىنىڭ ئېچىلغانلىق خاتىرىسىنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، رازۋېتچىكلار مۇشۇ ئىككى يان تېلېفوننىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ دەرھال 3 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق رازۋېتچىكلار مەلۇم ئەشيا ئوبوروت شىركىتى ئىۋەتكەن مەلۇم ھاۋالىلىك توشۇشنىڭ يۈك باسىدىغان ۋە چۈشۈرىدىغان ئىشچىسى تېڭ XXنىڭ ئەڭ چوڭ دېلو سادىر قىلغۇچى گۇماندار ئىكەنلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىكىتىدۇ. سوراق قىلىش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى تېڭ XX ئۆزىنىڭ مەلۇم ھاۋالىلىك توشۇش بۆلۈمىدە يۈك بېسىش- چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇشتەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماللارنى ئۆزى يالغۇز يۆتكەش پۇرسىتىنى تېپىپ ئوغۇرلۇق قىلغانلىقىنى، ئوغۇرلىغان بارلىق يان تېلېفوننى تۆۋەن باھادا سودىگەرلەرگە ساتقانلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ.

  نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر