باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبى گۈزەل شىنجاڭلىق- جىن فاشياڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى پېنسىيىگە چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى

2015.03.03 13:13         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن جىن فاشياڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى پېنسىيىگە چىققان پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كىيىن مەھەللىدە جىن مۇئەللىم مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىپ، دەرسخانا تەسىس قىلىپ، مەھەللىدىكى بالىلارغا دەرستىن سىرت خالىسانە كونسۇلتاتسىيە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا خەتتاتلىقنى ئۆگەتتى ھەمدە كۆپچىلىك تەرىپىدىن تەرىپلەندى.

  گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ مېيجۈيۈەن 2- مەھەللىسىدىكى جىن مۇئەللىم مۇلازىمەت پونكىتىدا، ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 4:30دا 20دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى جىن مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا، موي قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى مەشق قىلىدۇ. 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇشەررەف مەمەت بىر يىل مەشق قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جەھەتتە خېلىلا ئىلگىرلەپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن موي قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، جىن مۇئەللىم مىنى ناھايىتى ياخشى يىتەكلىدى، مەن كۆپرەك مەشق قىلىپ، خەتتاتلىق جەھەتتە مۇكاپات ئېلىشقا تىرىشىمەن.

  جىن مۇئەللىمنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن دەرسخانا تەسىس قىلغىنىغا 18 يىل بولدى. بۇ جەرياندا، ئۇ نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ھەر كۈنى بالىلارغا خەتتاتلىق ماھارىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىتىپ، بۇ جەھەتتە زور ئەجىر سىڭدۈردى. 70 ياشتىن ئاشقان جىن مۇئەللىمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا جىسمانى كۈچ جەھەتتە زور سىناق بولدى. ئەمما جىن مۇئەللىم مۇنداق دېدى: خەتتاتلىق-- دۆلەتنىڭ جەۋھىرى، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ خەتتاتلىق ماھارىتىنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مىنىڭ قىز نەۋرەم 5، 6 يىل موي قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى مەشق قىلدى، مەن ئۇنى ئۆيۈمدە ئۆگەتتىم. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا مۇكاپات ئالدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىمۇ مۇكاپات ئالدى شۇڭا مەن ئەتراپىمدىكى قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا موي قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ھەقسىز ئۆگىتەي دەيمەن. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارغا ئۆگىتىمەن.

  جىن مۇئەللىمنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەتراپتىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى، گۇچۇڭ ناھىيىسى دوڭگۇەن مەھەللىسى پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇن لى مۇنداق دېدى: جىن مۇئەللىمنىڭ ھەرىكىتى ئەتراپىمىزدىكى ئاھالىلەرگە تۈرتكە بولدى، ئۇلار ئۆزلۈگىدىن پىدائىي بولۇپ تەشكىللىنىپ، كوچا- كويلارنى تازىلاپ، مەھەللىنىڭ بەزى ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. ئاھالىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق بولسا ۋە بىر-بىرىگە ياردەم بەرسە، بۇ خۇددىي بىر چوڭ بۈيۈك ئائىلىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  يېقىندا جىن مۇئەللىم گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى 10 چوڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسىنىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ، تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلاندى. جىن مۇئەللىم مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىم يار بەرگەن ئەھۋالدا مەن بۇ ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن. بىز ياشىنىپ قالدۇق. ھايات ۋاقتىمدا مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىمنى ۋەتەننىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغا قالدۇرماقچىمەن. بۇ بالىلارنىڭ ئىلگىرلىشى بەك تېز بولدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشالمەن. مەن جەمىئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشسام كۆڭلۈم خوش بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر