باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەلىك 94 ياشلىق ناتسىست ئەزاسى سوراق قىلىندى

2015.02.25 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى فېڭ شۆجۈن؛ گېرمانىيە شىۋېرىن شەھىرىلىك يەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 23-فېۋرال يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، 94 ياشلىق سابىق ناتسىست ئېسئېسچىلار ئەزاسىنى ئەيىبلىدى. بۇ كىشى ئىلگىرى ئوسۋېسم-بىركېناۋ جازا لاگېرىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، بۇ جايغا قامالغان نەچچە مىڭ يەھۇدىينى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ياردەملەشكەن ۋە قاتناشقان، دەپ ئەيىبلەندى. گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىنىغا 70 يىلچە بولغان بولسىمۇ، لېكىن، گېرمانىيەنىڭ ناتسىستلارنىڭ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشى ۋە سوتلىشى توختاپ قالغىنى يوق ھەم داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.

  گېرمانىيە ئەدلىيە ئورگىنى بۇ جاۋابكارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ جاۋابكار 1940-يىلى ناتسىست ئېسئېسچىلارغا ئۆز ئىختىيارىي بىلەن قوشۇلغان، 1944-يىلى 8-ئاينىڭ 15 كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ئوسۋېسم-بىركېناۋ جازا لاگېرىدا ھەربىي دوختۇر بولغان. بۇ مەزگىلدە، 3681 يەھۇدىي زەھەرلىك گاز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەن. جاۋابكارنىڭ ئىلگىرى زەھەرلىك گاز ئۆيىگە ئاپىرىلىدىغان مەھبۇسلارنى بىۋاسىتە تاللىغانلىقى ياكى مەھبۇسلارنى بىۋاسىتە قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئىسپات بولمىسىمۇ، لېكىن، ئەيىبلىگۈچى تەرەپ: جاۋابكار «جازا لاگېرى باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جازا لاگېرىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق قىلمىشى مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىپ بولالمايدۇ» دېدى.

  تەپتىش ھانىس فۇستېر قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقى-بىر ئادەمنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ، لاگىرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى قوغدىغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا قانۇن سوتىغا ئۇچرىشى كېرەك، بىزنىڭ ھۆكۈم ئۆلچىمىمىز-جاۋابكارنىڭ ئوسۋېسىم-بىركېناۋ لاگىرىدا يۈز بەرگەن ھەممە ئىشنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقى، يەنىلا ناتسىستلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قاراش دەپ تەكىتلىدى. ئەگەر جىنايەت تۇرغۇزۇلسا، بۇ جاۋابكار ئۈچ يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

  «ميۇنخىن كەچلىك گېزىتى»نىڭ 24-فېۋرالدىكى ئوبزورىدا، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىغا 70 يىلغا يېقىن بولدى، لېكىن گېرمانىيەنىڭ ناتسىستلارنىڭ جىنايىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە سوتلاش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەينى يىللاردا جىنايەت سادىر قىلغان ناتسىستلارنىڭ بىر-بىرلەپ ئۆلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ھېساب-كىتاب قىلىش ۋاقتىمۇ بارغانسېرى زىچ بولماقتا. بۇ دېلونى سوتلاش-گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيەنىڭ كوللېكتىپ جىنايىتىنى كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىشىغا يەنە بىر قېتىم سەۋەب بولدى دەپ قارالدى.

  ميۇنخىن شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئالبېرت كىشىلەر ئەينى چاغدا نېمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ناتسىستلار ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلغانلا بولسا، جىنايەت شېرىكى، جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ دەپ قارىدى. «شىۋېرىن خەلق گېزىتى» جاۋابكار لاگىردا يۈز بەرگەن ھەممە ئىشنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتسىلا، يەنىلا لاگىر ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق، قىرغىنچىلىقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ-قىرغىنچلىققا ياردەملەشكەنلىك دېدى. شىمالىي گېرمانىيە رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاۋابكار 1948-يىلى پولشادا ناتسىست ئېسئېسچىلارنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئۈچ يېرىم يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، جاۋابكار گېرمانىيەگە قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان.

  ئوسۋېسىم-بىركېناۋ لاگىرىدا 1940-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بىر مىليون يۈز مىڭچە ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ يىل 1-ئايدا، ئىسمى ئېلان قىلىنمىغان يەنە بىر 93 ياشلىق سابىق ناتسىست بۇ لاگىردا ئېسئېسچىلارغا گۇندىپاي بولغانلىقتىن شىكايەت قىلىنغان. بۇندىن بۇرۇن، «ئوسۋېسىمنىڭ ھېسابات خاتىرىلىگۈچىسى» دەپ ئاتالغان ئوسكار گېلىنىنمۇ بۇ لاگىردا قامالغانلارنىڭ يۈك-تاقلىرىدىكى پۇل ۋە مۈلۈكلىرىنى ئاختۇرۇش، تاپشۇرۇشقا مەسئۇل بولغانلىقتىن شىكايەت قىلىنغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر