باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بورتالا ئوبلاستى يېزا ئىقتىسادىي خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى

2015.02.26 13:39         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر بورتالا ئوبلاستى يېزا ئىقتىسادىي خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھوسۇلىنى ئۇدا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 762 مىڭ 500 توننىغا، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 221 مىڭ توننىغا يەتكۈزدى.

  بورتالا ئوبلاستى بۇلتۇر ئۆزگىچە كەسپلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئالقاتچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش تۈر مەبلىغىدىن 5 مىليون 600 مىڭ يۈەن قولغا كەلتۈرۈپ، ئالقات تېرىلغۇ كۆلىمىنى 137 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 500 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى. دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ كالا- قوي باقمىچىلىقىغا مەدەت بېرىش مەبلىغىدىن 40 مىليون 270 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، باقمىچىلىقتا باشلامچى كارخانىدىن ئۈچنى، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق رايونىدىن توققۇزنى، باقمىچىلىق مەيدانىدىن 127 نى يېڭىدىن قۇردى. 650 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تۈرىدىن 25 نى قۇرۇپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 120 نى كۆپەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش نۇقتىسىدىن 19 نى قۇردى. بۇلتۇر بۇ ئوبلاست بوران، مۆلدۈر، قۇرغاقچىلىقتىن ئىبارەت تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، 65 مىليون 260 مىڭ يۈەن مەبلەغ غەملەپ، ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى. نەتىجىدە، بۇ ئوبلاست يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش سۈرئىتى جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە 3- ئورۇنغا ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر