- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بېنگالدىكى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 69غا يەتتى
2015.02.25 14:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېنگالنىڭ مانىكگەنجى رايونىدا قۇتقۇزغۇچى خادىملار چۆكۈپ كەتكەن يولۇچىلار پاراخوتىنى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى. بېنگال ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: قۇتقۇزغۇچىلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋەقەدە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى ھەمدە پاراخوت گەۋدىسى ئىچىدىن 28 جەسەتنى بايقىدى. بۇنىڭ بىلەن بېنگالدا پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار سانى 69غا يەتتى.
شۇ يەر ۋاقتى 22-فېۋرال چۈش سائەت 12لەر ئەتراپىدا 150 يولۇچىنى سالغان كېچىك كېمىسى مانىكگەنجى تەۋەسىدىكى پادما دەرياسىدا بىر يۈك پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن چۆكۈپ كەتكەن، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي داككاغا 60 كىلومېتىر كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر