- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چېڭدۇدا قۇرۇلۇش قىلىنۋاتقان تونىل پارتىلاپ بىر ئادەم ئۆلۈپ 20 ئادەم يارلاندى
2015.02.25 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن چۈشتىن كىيىن 1دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۈەن چېڭدۇ لوڭ چۈەنيى رايۇنىدا قۇرۇلۋاتقان ۋۇلۇ يولى 1- نۇمۇرلۇق تونىلدا گاز پارتىلاش يۈز بېرىپ، چۈشتىن كىيىن سائەت بەشكىچە،ھادىسە 20 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2 ئادەم ئېغىر يارلانغان،1 ئادەم ئوتتۇراھال يارلانغان،17 ئادەم يىنىك يارلانغان بولۇپ، ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلغان. يەرلىك تەرەپ بىر ئادەم يوقاپ كەتتى دېگەن ، مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانىسى بىر ئادەم ئۆلدى دەپ خەۋەر قىلغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر