باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ئامېرىكا خەۋپسىزلىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا

2015.02.26 16:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ئامېرىكىنى ئېغىر ۋە كەسكىن خىرىسقا دۇچار قىلدى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدىكى ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئۈزلۈكسىز بېسىم ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنتلار ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتىكى ئىچكى كۆرەشنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە كۈچىنى تېخىمۇ كۆرسىتىدىغان ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىغان ئامېرىكىنىڭ 114 – نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ ئىككى پالاتاسى يىل بېشىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن كېڭەش پالاتاسى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ماككىن ئۇدا ئۈچ قېتىم ‹‹ئوت›› يېقىپ، ‹‹دۇنياۋى خىرىس ۋە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك تاكتىكىسى›› تېمىسىدا بۇ يىل 1 – ئاينىڭ ئاخىرى ئۈچ مەيدان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى سابىق ياردەمچىلىرى برزېزىنسكى، سىكوۋرو، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سابىق قوماندانى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان باش ئىشتابىنىڭ سابىق قوماندانى فاللون، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىشتاب باشلىقى كېئان، سابىق دۆلەت كاتىپى كىسسىنگېر، ئالبرايت قاتارلىقلار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەردى، ئۇلارنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى كۆپ يىللاردىن بۇيان ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي كومىتېتى يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قورال – جابدۇقلارنى قوغداش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىدىكى دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە ھەربىي خىراجەتنى كېمەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئايرىم – ئايرىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى.

  ‹‹ئامېرىكا 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى››

  بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىدا كىشىلەر بىردەك مۇنداق دېدى: ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا يېڭى ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. كىسسىنگېر مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىدا ھازىر بىر – بىرىگە زىت قاراشلار مەۋجۇت، ئامېرىكا 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. ھازىرقى خەلقئارا، رايونلار تەرتىپى ۋە رايونلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قايتىدىن باھا بېرىشكە توغرا كەلدى، خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى كۈچىيىپ، تېخىمۇ تۇراقسىزلىققا ئىگە بولدى.

  ئالبرايت مۇنداق قارىدى: ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللەنمە كۈچلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئامېرىكا تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا يەنە 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش تەرتىپىگىمۇ خىرىس پەيدا قىلدى.

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن زور تەھدىت مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغاندا، ئەسەبىي تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››، ئىران يادرو مەسىلىسى، ئۇكرائىنانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا، رۇسىيە مۇناسىۋىتى، دۇنيا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئالدىن تىلغا ئېلىندى. ئامېرىكا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قارشى تۇرىدىغان ئەڭ تەخىرسىز خەۋپسىزلىك تەھدىتى قايسى؟ دەپ سورالغاندا، كىسسىنگېر قاتارلىقلار بىردەك ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ئەسەبىي تەشكىلاتىنى تارمار قىلىش كېرەك، دېدى. كىسسىنگېر مۇنداق قارىدى: ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرى بۇ ئەۋلاد كىشىلىرى ئۈچۈن ئەڭ زور خەۋپسىزلىك خىرىسى ھېسابلىنىدۇ، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ باش كۆتۈرۈلۈشى ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئىسپاتلايدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىسىدە قورال كۈچى بىلەن ھەيۋە كۆرسىتىشى يەنىمۇ روشەن ئىپادىلەندى. برزېزىنسكى مۇنداق قارىدى: ش ئا ئە ت بىلەن ئامېرىكا ئۇكرائىنانى ‹‹مۇداپىئە قوراللىرى›› بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، بالتىق دېڭىزى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش –– بۇ جايلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى بىردىنبىر ئىشەنچلىك چارە.

  ‹‹ئامېرىكا ھەمىشە يەككە كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدە ئىزچىللىق كەمچىل››

  برزېزىنسكى قاتارلىق كىشىلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ئوتتۇرا شەرق رايونىدا كەلگۈسىدە خېلى بىر مەزگىلگىچە داۋاملىق ئېغىر قالايمىقانچىلىق بولىدۇ، ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقى كېرەك، ئامېرىكا يەنە جۇڭگو، رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوخشىمىغان يوللار بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. كىئان مۇنداق قارىدى: يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىنى توسۇش ھەم ئۇنى مەغلۇپ قىلىشتا كەڭ كۆلەملىك، ئۇزاق مەزگىللىك، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيە بولۇشى كېرەك، ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرىگە قارشى بىرلەشمە كۈچ توپلاش ئىنتايىن مۇھىم.

  كىسسىنگېر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھەمىشە يەككە كىرىزىسنى بىرتەرەپ قىلىدۇ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدە ئىزچىللىق كەمچىل. بۇ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مېخانىزمىدىكى مەسىلە، شۇنداقلا ئامېرىكا دۇچ كەلگەن خىرىس. ئالبرايت مۇنداق قارىدى: بىرىنچىدىن، ‹‹دىققەت – نەزىرىنى ئۇزاق مۇددەت مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك››ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىقى، شۇڭا ئىزچىللىققا ئىگە ئىستىراتېگىيەلىك لايىھەنى تۈزەلمەيۋاتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ‹‹يەرشارى خاراكتېرلىك تېخىمۇ كۆپ مەسىلە ئامېرىكا بىلەن ھەرقايسى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئامېرىكا ھازىرغىچە رەھبەرلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىنەلمىدى.

  دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىلىشى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ھەربىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى، بۇ ئىشقا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاغرىنىشى كۆپ بولدى. ئالبرايت مۇنداق دېدى: خامچوتنىڭ يېتىشمەسلىكى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ. ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى پارلامېنت مۇناسىۋىتى تەتىقىقاتچىسى بېرىتشام مۇنداق دېدى: پارلامېنت ئۆلچەملىك خامچوت تەرتىپى بويىچە خامچوت لايىھەسىنى تۈزمىدى. بۇ، بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ پىلانىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئىلگىرى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئوفىتسېر كونترول قىلغىلى بولمايدىغان خامچوتقا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، ھەربىي خامچوتنىڭ كۆپ قىسمىنى كېمەيتىۋەتكەن تەقدىردىمۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قوبۇل قىلالايدۇ، ئەمما خامچوت لايىھەسىنىڭ ئارقىغا سوزۇلۇشى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر