باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا بىر نەچچە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى مۇقىملاشتۇرۇلدى

2015.02.26 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىشانلىق تەڭشەش ۋە كونتىرول قىلىش كۈچەيتىلىدۇ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىلىدۇ

  گوۋۇيۈەننىڭ 25- فېۋرال ئېچىلغان دائىمىي يىغىنىدا باجنى يەنىمۇ ئازايتىش، خىراجەتنى قىسقارتىش تەدبىرى، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش مۇقىملاشتۇرۇلدى، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تېزلىتىش، جامائەت مەھسۇلاتلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئۆستۈرۈپ، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىقتىدارلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ياردەم بېرىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ماكرولۇق تەڭشەش تەپەككۈرى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىگىلىك تىكلەش، خەلق يېڭىلىق يارىتىشتەك يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى چۆرىدەپ، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۆزگەرتىپ، نىشانلىق تەڭشەش ۋە كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىپ، مالىيە- باج سىياسىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، خىراجەتنى ئازايتىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىپ، جەمئىيەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش؛ زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جامائەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئالاقىدار كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛

مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر