باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بانكىلارنىڭ ھەق ئېلىشىغا چېتىشلىق ئىقتىسادى جازا 1 مىليارد 585 مىليون يۈەنگە يەتتى

2015.02.26 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت، تەس بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، بۇ كومىتېت 2013-يىلى 10-ئايدىن 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۈرلۈك سودا بانكىلىرىنىڭ 150 شۆبە ئاپپاراتىنىڭ ھەق ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، 1 مىليارد 585 مىليون يۈەن ئىقتىسادى جازانى يولغا قويغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى تۈرلۈك سودا بانكىلىرىنى ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى رەتكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، بىر قانچە چوڭ بانكا ۋاسىتىچى كەسىپلەرنىڭ ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ھەق ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، ھەر يىلى كارخانىلارنىڭ 40 مىليارد يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتسە بولىدىكەن.

  كېيىنكى قەدەمدە دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە چىرىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ۋە ئۇنى بىكار قىلىپ، مونوپۇللۇققا قارىشى تۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بازاردىكى باھانى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، 12358 پاش قىلىش سىستېمىسىنى قوغداپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش بولسا ئىنكاس قىلىش، بىر بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر