باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۈچ ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرلەپ، بۇرچنى ئادا قىلىش

2015.02.27 10:42         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان كېلىشتىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلار ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ، ئۆز خىزمەت ئورنىغا قايتتى. مۇشۇ ئاينىڭ 28- كۈنى، 2- تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشىدىغان كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاۋالىسىنى ئېلىپ، كەنتلەرگە بېرىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئىستانسىمىزنىڭ «كۈچ ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرلەپ، بۇرچنى ئادا قىلىش» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىسى

  ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسى ئاتمەيدان كەنتىدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىگە 10 نەچچە كۈن بولغان ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۈزەتكۈچىسى جاڭ يىڭتيەن كەنتتە تۇرغان 300 نەچچە كۈننى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشىغا ياردەم بېرىش جەريانىدىكى ئىشلارنى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى قانداق ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇيالمىدى. ئۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە، دېھقانلار بىزدىن ئۆزىنى يىراق تۇتتى. ئەمما، بىز قايتىدىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلار كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا بىزنى ئۇزىتىپ قويدى. بىر بوۋاي تاڭ يورىماستىن يولغا چىقىپ، 21 تال يەرلىك تۇخۇمنى بىزگە ئەكىلىپ بەردى. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندۇق.»

  كۆزىگە ياش ئالغىنى بىر جاڭ يىڭتيەنلا ئەمەس. يېڭىدىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن مۇخپۇل ھەسەن كەنتكە چۈشكەن بىر يىلدا، تۆھپە قوشۇش جەھەتتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپلا قالماي، 2- تۈركۈمدىكى كەنتكە چۈشكەن كادىرلارغا مەسلىھەت بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېزا-- تولىمۇ كەڭ بوشلۇق ھىساپلىنىدۇ. يېزىغا بارغاندىن كېيىن، ئىشلەشكە تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. ئىشەنچ بولۇش كېرەك. ئاممىغا ئىشىنىشىمىز، ئاممىغا تايىنىشىمىز، ئاممىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئامما بىلەن بىر سەپتە تۇرساقلا، ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىپ بەرسەكلا، ئامما بىزنى ھىمايە قىلىدۇ، بىزنى قوللايدۇ.» تۇنجى تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئاڭلىغان، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى قادىر نىياز مۇنداق دېدى: «2- تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشىدىغان كادىرلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى يۇرتداشلارغا ياردەم بېرىمەن. كۈچ ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرلەپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. تۇنجى تۈركۈمدە كەنتلەرگە چۈشكەن كادىرلار بىزگە ياخشى ئاساس ھازىرلاپ بەردى. بىز بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىشلىگەن خىزمەتلەر ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشنى ئامما ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان جايدىن باشلاپ، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتقۇزىمىز. تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر