باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنتلەرگە چۈشۈش خىزمىتى-- قىممەتلىك بايلىق

2015.02.27 10:41         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر كادىر مۇخبىرغا «كەنتلەرگە چۈشۈش خىزمىتى-- قىممەتلىك بايلىق ھىساپلىنىدۇ» دېگەنىدى. نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ بىرىنچىدىن، كەنتلەرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئائىلىلەرگىچە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئەھۋالى ۋە خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىپ، خىزمەت تەجرىبىسىنى بېيىتقىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش جەريانىدا، نۇرغۇن دوست تۇتقىلى، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ئىشلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالغىلى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈچۈن ئاساس ھازىرلىغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا بىۋاستە قاتنىشىش ئارقىلىق، خىزمەت تەسەۋۋۇرىنى تېخىمۇ كېڭەيتكىلى ۋە ئاممىغا يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  كەنتلەرگە چۈشۈش خىزمىتى-- كادىرلار ئۈچۈن قىممەتلىك بايلىق بولۇپلا قالماي، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك بايلىق ھىساپلىنىدۇ. كەنتلەرگە چۈشۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، كەنتلەرگە يول تۇتىشىش، توك ۋە سۇ يەتكۈزۈش قاتارلىق مىساللارنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. يېڭىدىن سېلىنغان مەدەنىيەت ئۆيلىرى، شىپاخانا، مەكتەپ ئۆيلىرى شۇنىڭدەك خەلقنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ياڭاق كۆچىتى، ئېغىل- قوتانلار، گىلەم توقۇش ئورۇنلىرى ھەممە جايدا بار بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

  كەنتلەرگە چۈشۈش خىزمىتى-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ قىممەتلىك بايلىق ھىساپلىنىدۇ. بىر يىلدىن بۇيانقى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى ئارقىلىق، خىزمەت ئىستىلىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈچەيتىلدى؛ دىننىڭ ئىناقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى ۋە ياخشىلاندى؛ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى قوغدالدى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى. ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك بايلىق ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىل-- «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىدىكى ئالدىنقىلار بىلەن كېيىنكىلەرنى باغلاشتۇرىدىغان بىر يىل بولۇپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەردە چوقۇم نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ چىققىلى بولىدۇ. بۇ تەجرىبىلەر-- بۇنىڭدىن كېيىن ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك بايلىق بولۇپ، بۇ قىممەتلىك بايلىق شۈبھىسىزكى ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر