باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ مايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار

2015.02.26 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي جەنۇبىي ئافرىقا ئورتاق بازىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 24-فېۋرال: ئافرىقىدىكى ئۈچ چوڭ رايون ئىقتىسادىي گەۋدىسى شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى، شەرقىي جەنۇبىي ئافرىقا ئورتاق بازىرى ۋە جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىياتى ئورتاق گەۋدىسى بۇ يىل مايدا ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنى ھەمكارلىشىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىدۇ دېدى.

  شەرقىي جەنۇبىي ئافرىقا ئورتاق بازىرى، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسى ۋە جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر 2011-يىلى ئىيۇن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھاننىسبورگتا ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش سۆھبىتىنى باشلىغان ئىدى. ئۈچ چوڭ رايون ئىقتىسادى گەۋدىسى كېنىيە، جەنۇبىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 625 مىليون نوپۇسنى قاپلايدۇ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تەخمىنەن بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئافرىقا ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 58 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر