باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو شەھەر-يېزىلىرى ئارىسىدا ئۇچۇردىن پايدىلىنىشتىكى پەرق كېڭىيىۋاتىدۇ، پايدىلىنىشتىكى يېتەرسىزلىك ئاجىز ھالقا بولۇپ قالدى

2015.02.26 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالاقە تورى ۋە يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىشى تېخنىكا جەھەتتىن يېزا-كەنتلەرنى يېقىنلاشتۇردى. لېكىن، يېزىلاردىكى تور ئەھلى سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى پەرقنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى يوشۇرالمايدۇ، يەنىمۇ چوڭقۇر ۋە كۆپ مەنبەلىك ئالاقە تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ تور ئېھتىياجىنى قوزغىتىش توغرا تاللاش بولۇشى مۇمكىن.

  يېقىندا، جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى 35-قېتىملىق «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات ئەھۋالى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، يېزىلارنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم جامائەتچىلىكنىڭ دېققىتىنى تارتتى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، يېزا تور ئەھلى كۆلىمى 178 مىليونغا يېتىپ، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1 مىليون 880 مىڭ كىشى كۆپەيگەن. يېزىلاردا ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى يېزىلاردىكى تور ئەھلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش ئىشلىرىدىكى مۇھىملىقى تەدرىجىي روشەنلەشمەكتە، لېكىن، يېزا تور ئەھلىنىڭ ئالاقە تورىغا بولغان تايىنىش دەرىجىسى يەنىلا شەھەر-بازار تور ئەھلىدىن تۆۋەنلىكى ئېنىق.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يېزا تور ئەھلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالاقە تورى نوقۇل كۆڭۈل ئېچىش قورالىدىن كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان پايدىلىنىش سۇپىسىغا تېخى ئۆزگەرمىدى. كەلگۈسىدە شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى ئۇچۇردىن پايدىلىنىش پەرقىنى داۋاملىق كىچىكلەتكەندىن سىرت، شەھەر-يېزا تور ئەھلىنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى پەرقىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر